ئىستانبۇلدا قۇددۇسنى قوغداش كونفېرانسى چاقىرىلدى
ئىستانبۇل يىلدىز سارىيىدا، «قۇددۇستا ئىسلام بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قوغدىلىشى» سەرلەۋھىلىك كونفېرانس چاقىرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئىسلام دۇنياسىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىنى تەنقىد قىلدى.
قۇرتۇلمۇش، «1 يېرىم مىليارد مۇسۇلمان پەلەستىن، مەسجىدى ھەرەم ۋە مەسجىدى ئەقسانى قوغداش قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەرنى شۇ يەردە ياشاۋاتقان بىر ئۇچۇم پەلەستىنلىكلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەپ قويدى» دېدى.
قۇرتۇلمۇش، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا تەستىقلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مىللىي قانۇن توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «تۇنجى قىبلىمىز بولغان مەسجىدى ئەقسادىن ھەرگىزمۇ ۋازكەچمەيمىز.»
قۇرتۇلمۇش، قانۇن لايىھەسى ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە، ئىسرائىلىيەنىڭ 21 – ئەسىردە يېڭى بىر ئىرقچى ھاكىمىيەت قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش، «ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
پەلەستىن مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە مەدەنىيەت مىنىستىرى زىياد ئەبۇ ئەمر بولسا، قۇددۇسنىڭ ئىرقچىلىق ۋە ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.