كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا تۈركىيەدە

كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا فرەنسىس 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى.

209117
كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا تۈركىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:پاپانىڭ پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى ئىدى.
ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويغان پاپا، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى مەخسۇس دەپتىرىگە مۇنۇلارنى يازدى: «ئىككى قىتئە ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي بىر كۆۋرۈك ھېسابلىنىدىغان تۈركىيەنىڭ پەقەت يوللارنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئۆتۈش ئېغىزىلا ئەمەس، بارلىق مەدەنىيەتلەر، مەزھەبلەر ۋە دىنلارغا مەنسۇپ ئەر – ئاياللار ئۈچۈن دىيالوگ ئاساسىدا تىنچ بىرلىكتە ياشىيالايدىغان مۇھىم بىر نۇقتا بولۇشىغا تىلەكداشمەن.»
پاپانىڭ زىيارىتىنىڭ ئېككىنچى بېكىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئىدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاپا فرەنسىسنى رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى.
پاپا، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قارشى ئېلىنغان تۇنجى چەت ئەللىك رەسمىي مېھمان بولدى.
ئىككى رەھبەر، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دىنلار ئارا خۇش پېئىللىقنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نۇتىقىدا، ئىسلام دۈشمەنلىكى ھەققىدە توختالدى.
ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «غەززەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان، مەسۇم ئاياللارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دۆلەت تېررورى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتمايۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت مەسجىدى ئەقسا نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ، تۈركىيەدە 50 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن دۇنيانىڭ كارى بولمايۋاتىدۇ. ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلغان ۋە ھەمكارلىق ئورناتقاندىلا ئاندىن تەھدىتلەرگە قارشى چارە تاپقىلى بولىدۇ. جۈملىدىن غەرب دۇنياسىدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى بىرلىكتە تەدبىر قوللىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.»
كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا فرەنسىس، ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيە ھەققىدە توختالدى.
پاپا مۇنداق دېدى: «بۇ توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىغا كۆز يۇمالمايمىز. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردەم قىلىشى ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتتۇر. تۈركىيە بۇ ھەقتە ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى باغرىغا باستى. ئۇلۇغ تەڭرى تۈركىيەنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي! بۇنداق ياخشى ئىشلىرىنى مەقبۇل قىلغاي! تىنچلىق ئورناتقۇچى قىلغاي!»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پاپاغا فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ بوسنا راھىبلىرىنىڭ ئەركىن دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى توغرۇلۇق چۈشۈرگەن پەرمانىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ھەدىيە قىلدى ھەم پەرمان ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
پاپا فرەنسىس، ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز بىلەنمۇ كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشتا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيە ۋە ئۆزگىرىشلەر كۈنتەرتىپكە كەلدى. دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز، قۇددۇس ۋە پەلەستىندىكى ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى ئىنسانلىق نامىدىن بەرگەن سىگناللىرى ئۈچۈن پاپاغا رەھمەت ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، پاپا بۈگۈنمۇ ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشلاردا بولىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر