مىسىردا 16 ياشتىن تۆۋەن 78 بالا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئىسكەندەرىييە شەھەرلىك جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، 16 ياشتىن تۆۋەن 78 بالىنى مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدى.

207185
مىسىردا 16 ياشتىن تۆۋەن 78 بالا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئىسكەندەرىييە شەھىرىدىكى جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، 16 ياشتىن تۆۋەن 78 بالىنى 2 يىل بىلەن 5 يىل ئارىسىدا مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

بالىلارنىڭ ئادۋوكاتى ئەھمەد ئەلغەممىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بايانات بېرىپ، ئىسكەندەرىييە جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ 16 ياشتىن تۆۋەن 78 بالىنى مىسىردا مەنئى قىلىنغان ‹مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش، نامايىش ئۆتكۈزۈش ۋە قورال ئىشلىتىش› قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ 2 يىل بىلەن 5 يىل ئارىسىدا مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

غەممىرى، بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇ يىل يانۋار – ماي ئايلىرى ئارىسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر