يادرو سۆھبىتى ئاخىرقى كۈنىدە

ئىران يادرو پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلار ئاخىرقى كۈنىگە يېتىپ كەلدى.

203985
يادرو سۆھبىتى ئاخىرقى كۈنىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىيېننادا بىر يەرگە جەم بولغان ئىران بىلەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە گېرمانىيەنىڭ ۋەكىللىرى، ئىران يادرو پىروگراممىسى توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈشكە غەيرەت قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئارزۇسى بىر – بىرىگە ئوخشىمىغان تەرەپلەرنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئېلىنغان بەزى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مۇزاكىرىلەرنىڭ ۋاقتى ئۇزارتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەسئۇل دائىرىلەر، ئۇچرىشىشلارنىڭ دېكابىر ئېيىدا ئۇمماندا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە سۆھبەت ۋاقتى ئۇزارتىلغانلىقى ئۈچۈن ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ يىنىكلىتىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىر ئامېرىكىلىق مەسئۇل ئەمەلدار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىفنىڭ ۋىيېننادىكى سۆھبىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان تاللاش يوللىرىنىڭ ئۈستەل ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭ بىرىنىڭ سۆھبەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فىلىپ ھامموند، تەرەپلەرنىڭ بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن بۈگۈن (24 – نويابىر) چوڭ غەيرەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە بەدىلىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ۋولتېر تەرەپلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ناھايىتى يىراق نۇقتىلاردا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
خىتاي بولسا، يېڭى تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇشقا تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تەكلىپنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى. ئۇ سۆھبەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشنىڭ تاللاش يولىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىراننىڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئىككى رىقابەتچىسى ئىسىرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپلەرنىڭ ئۇچرىشىشىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر