لىۋىيەدىكى ئىككى پارلامېنت بىر-بىرلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ

لىۋىيەنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىن ھالەتتە تۇرماقتا.

205321
لىۋىيەدىكى ئىككى پارلامېنت بىر-بىرلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت تىرابلۇستىكى مىتىگا ئايرۇدۇرۇمى پىنسىيەگە چىققان گېنېرال خالىفە ھافتەرگە قاراشلىق قىسىملارغا تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنماقتا.
ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى تىرابلۇستا بىر سودا مەركىزىنى ۋەيران قىلدى. لىۋىيەدە مىستراتالىق گۇرۇپپىلار بىلەن خالىفە ھافتەرگە قاراشلىق قىسىملار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
تەرەپلەرنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش ئۈچۈن پايتەختكە كىرمەكچى بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇللىرىغا تىرابلۇسنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتۇۋاتقان مىسراتالىق گۇرۇپپىلارنىڭ رۇخسەت بەرمەيۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
لىۋىيەدە ھازىر 2 پارلامېنت خىزمەت قىلماقتا. نېفىت زاپىسى مول بولغان لىۋىيەدە مىللىي ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن قوللىنىپ كېلىنىۋاتقان لىۋىيە شەپىقى بىرلەشمىسى بىلەن توبرۇك ۋەكىللەر مەجلىسى تەرىپىدىن قوللىنىپ كېلىنىۋاتقان خالىفە ھافتەرگە قاراشلىق «شەرپ ھەرىكىتى»بىرلەشمىسى بىر-بىرلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر