خوڭكوڭدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ۋەقەدە 10 دىن ئارتۇق نامايىشچى قولغا ئېلىندى.

205326
خوڭكوڭدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدا ئوقۇغۇچىلار تەخمىنەن 2 ئايدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز نامايىش قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم يەنە توقونۇش يۈز بەردى.
موڭ كوك رايونىدا ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى نامايىشچىلارنىڭ توساقلىرىنى ئېلىپ تاشلىماقچى بولغاندا نامايىشچىلار قارشىلىق كۆرسەتتى. ۋەقەدە 10 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى.
موڭ كوك رايونىدا مەسئۇللار سوتنىڭ قارارى بىلەن نامايىشچىلارنىڭ توساقلىرىنى ئېلىپ تاشلاشقا باشلىدى. نامايىشچىلار دەسلەپتە ھېچ قانداق قارشىلىق كۆرسەتمىدى. ۋەقە تۇغدۇرماسلىق ۋە مەسئۇللارغا قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك ھەققىدىكى ئاگاھلاندۈرۈشلارغا بىنائەن نامايىشچىلار توساقلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىنى سۈكۈت ئىچىدە جىم – جىت كۆزۈتۈپ تۇردى.
بىراق تۇيۇخسىزدىنلا بەزى نامايىشچىلار ساقچىلارغا قارشى چىقىشقا باشلىدى. ۋەقەدە 10 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ 2017 – يىلى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان سايلامىدا ئۆز رەھبىرىنى ئۆزلىرى سايلاپ چىقسا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما نامزاتلارنىڭ چوقۇم خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەكلىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بۇ بايانات ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشنى قوزغىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر