گىرېتسىيەدە سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئاچلىق ئېلان قىلدى

گىرېتسىيەدە سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئاچلىق ئېلان قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

204780
گىرېتسىيەدە سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئاچلىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەدە سۈرىيەلىك مۇساپىرلار گىرېتسىيەدىن پاناھلىق تىلەپ پايتەخت ئافېنادا بىر ھەپتىدىن بۇيان نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
تەلەپلىرى ئورۇندالمىغان مۇساپىرلار ئاچلىق ئېلان قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. گىرېتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان تەخمىنەن 150 سۈرىيەلىك مۇساپىر، ئۆزلىرىگە گىرېتسىيەدە تۇرۇش كىنىشكىسى ۋە خىزمەت قىلىش رۇخسىتى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
ئېغىزلىرىنى لاتىلار بىلەن ئېتىۋالغان مۇساپىرلار گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە بۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۇ يىل ئىچىدە 17مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن گىرېتسىيەگە باردى، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى سۈرىيەلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر