نېپالدا ئاپتوبۇس پاجىئەسى يۈز بېرىپ 47 ئادەم ئۆلدى

نېپالدا بىر يولۇچىلار ئاپتوبوسى دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

203241
نېپالدا ئاپتوبۇس پاجىئەسى يۈز بېرىپ 47 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندودا ئاپتوبۇس پاجىئەسى يۈز بەردى، دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن 47 ئادەم قازا قىلدى.
نېپالنىڭ غەربىدە تىك ياردىن دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئاپتوبۇستىكى 42 ئادەمنىڭ جەسىتىنىڭ چىقىرىلىشى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 47گە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىزدەش قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى پەيشەنبە كۈنى مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدىن كېيىن 5 ئادەمنىڭ جەسىتىنى تاپقانىدى. ساقچى ئىدارىسى مەسئۇللىرى ئاپتوبۇس دەريادىن تارتىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، 42 ئادەمنىڭ جەسىتىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پايتەخت كاتموندونىڭ400 كىلومېتىر غەربىدىكى بىخۇر يېزىسىدا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە مېڭىۋاتقان ئاپتوبۇس، بىخېرى دەرياسىغا چۈشۈپ كەتتى. نېپالدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ناچارلىقى، كونا ماشىنىلارنى ئىشلىتىش ۋە نازارەتنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبلىك پات-پات قاتناش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر