لوندوندا پارتلاش يۈز بەردى
ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا كاتتا بىر مېھمانسارايدا پارتلاش يۈز بەردى.
201362
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا كاتتا بىر مېھمانسارايدا پارتلاش يۈز بەردى.
پارتلاشتا 14 كىشى يارىلاندى.
5 يۇلتۇزلۇق مېھمانساراينىڭ ئاشخانىسىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، تامنىڭ بىر قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
ئوت ئاپىتى دەرھال ئۆچۈرۈلۈپ، مېھمانسارايدىكى 500 گە يېقىن مېھمان بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر تارقاقلاشتۇرۇلدى.
ئەتراپتىكى بىنالاردا ياشاۋاتقانلار دەھشەتلىك پارتلاش نەتىجىسىدە قاتتىق سىلكىنىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىشتى.