ئىراننىڭ يادرو مۇزاكىرىلىرى باشلاندى

جون كېررىي ئىران بىلەن بولغان يادرو مۇزاكىرە ممەسلىسىدە فىرانسىيە بىلەن ئالاھىدە چوڭ پىكىرىي ئوخشىماسلىق كېلىپ چىققانلىقىنى تۈپەيلى بەزى خۇسۇسلارنىڭ قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

200976
 ئىراننىڭ يادرو مۇزاكىرىلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ئىران بىلەن بولغان يادرو مۇزاكىرە ممەسلىسىدە فىرانسىيە بىلەن ئالاھىدە چوڭ پىكىرىي ئوخشىماسلىق كېلىپ چىققانلىقىنى تۈپەيلى بەزى خۇسۇسلارنىڭ قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جون كېررىي ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، ئىران مۇزاكىرىلىرى بشلىنىشتىن ئىلگىرى تۈنۈگۈن فىرانسىيەلىك مەنسەپدىشى لۇرېنت فابىئۇس بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئاخباراتچىلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى.
جون كېررىي بەزى خۇسۇسلاردا كېلىشم ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى ۋە مەسىلىنىڭ تېخىچە تالاش - تارتىشلىق باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلدى.
جون كېررىي «فىرانسىيە بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز، فىرانسىيە ئوتتۇرىغا قويغان 4 ماددىنىلا مۇاكىرلىشىشىمىز لازىم» دېدى ۋە مۇزاكىرە ۋاقتىنىڭ ئۇزارتىۋېتىلىشى مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتە يوق ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ ھەقتە قەتئىي سۆھبەتلىشىپ باقمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئىران بىلەن 5+1 دۆلەتلەر گورۇھى ئوتتۇرىسىدا جەنۋەدە 2013 – يىلى 24 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردە كېلىشم ھاسىل قىلىنغان ھەمدە كېلىشىمگە بىنائەن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا 2014 - يىلى 20 – ئىيۇلغىچە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىر كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى مۆلچەرلەنگەن ئىدى. بىراق پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى تۈگۈمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن مۇزاكىرىلەر 24 - نويابىرغا ئۇزارتىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر