پەلەستىن قارارنامىسى فىرانسىيە پارلامېنتىدا

فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى سوتسىيالىست گۇرۇپپا پەلەستىننىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى نىشان قىلىنغان قارارنامىنى تۈنۈگۈن پارلامېنتقا سۇندى.

200581
 پەلەستىن قارارنامىسى فىرانسىيە پارلامېنتىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قارارنامىسى فىرانسىيە پارلامېنتىدا.
فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى سوتسىيالىست گۇرۇپپا پەلەستىننىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى نىشان قىلىنغان قارارنامىنى تۈنۈگۈن پارلامېنتقا سۇندى. 28 – نويابىر كۈنى پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان قارارنامە، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىقلانغان تەقدىردە 2 – دېكابىر كۈنى ئاۋازغا قويۇلىدۇ. ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى بولغان خەلق ھەرىكىتى بىرلىكى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىر قىسمى، ھەرقانداق بىر دۆلەتنى ئېتىراپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ ھۆكۈمەتكە ئائىت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا پارلامېنتنىڭ بۇ ھەقتە تەلەپ سۇنۇشىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر