پۇتىن شىمالىي كورېيە ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ رۇسىيەگە ئەۋەتكەن ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى.

195181
پۇتىن شىمالىي كورېيە ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ تەرىپىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە رۇسىيەگە ئەۋەتىلگەن ئالاھىدە ئەلچى بىلەن كۆرۈشتى.

كرېملىن سارىيى مەتبۇئات ئىشلىرى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە مەتبۇئاتىغا بايانات بېرىپ، 7 كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتى دائىرىسىدە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان شىمالىي كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ سېكرېتارى چوئې يوڭنىڭ پۇتىنغا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭنىڭ تېلېگراممىسىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇچرىشىشتا، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى يادرو مەسىلىسى، رۇسىيە – شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە يېڭى مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر