مىسىرنىڭ غەززە چېگراسىدا تۇقۇنۇش يۈز بەردى

رايوندىكى بەزى مەنبەلەر مىسىر ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە شۇ ۋەجىدىن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

198532
مىسىرنىڭ غەززە چېگراسىدا تۇقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئەسكەرلىرى بىلەن بەزى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا 10 نەپەر پۇخرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا 3 كېچىك بالا ۋە 3 ئايالنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۇزۇندىن بۇيان كېچىسى كوچىغا چىقىش مەنئىي قىلىنغان رايوندا، قانچىلىغان سائەتلەرگىچە داۋاملاشقان تۇقۇنۇش جەريانىدا ئېتىلغان بىر راكىتامىيۇت مەلۇم بىر ئۆيگە چۈشۈپ، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى.
بىراق رايوندىكى بەزى مەنبەلەر مىسىر ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە شۇ ۋەجىدىن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
سىنا يېرىم ئارىلىدا 24 – ئۆكتەبىردە 33 نەپەر ئەسكەر بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەندىن كېيىن رايوندا كېچىسى سىرتقا چىقىش مەنئىي قىلىنغان ئىدى.
مىسىر، غەززەگە قورال يۆتكەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن غەززە چېگراسى بويىغا بىر كېلومېتىر كەڭلىكتە بىخەتەر رايون قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ۋە بۇ رايوندىكى ئۆيلەرنى ئۆرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر