خوڭكوڭ ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلدى

شەھەر مەجلىسىگە ھۇجۇم قىلغان نامايىشچىلار، ساقچىلار تەرىپىدىن كۈچ ئىشلىتىلىپ تارقاقلاشتۇرۇلدى.

195198
خوڭكوڭ ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدا سېنتەبىر ئېيىدا باشلانغان نامايىشلار داۋام قىلماقتا.

شەھەر مەجلىسىگە ھۇجۇم قىلغان نامايىشچىلار، ساقچىلار تەرىپىدىن كۈچ ئىشلىتىلىپ تارقاقلاشتۇرۇلدى.

ساقچىلار، مەجلىس بىناسىنى تاش يامغۇرىغا تۇتقان نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە كالتەكلەرنى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى.

6 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

نامايىشلار سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017- يىلىدىكى سايلاملارغا مۇداخىلە قىلىدىغان بىر تۈزۈمنى جاكارلىشىدىن كېيىن باشلىغانىدى. شەھەردىكى ئالىي سوت تېخى يېقىندىلا نامايىشچىلارنىڭ كوچىلارغا تىكىۋالغان چېدىرلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى ۋە ئېلىپ تاشلىنىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر