بوسنا ھەرسەكتە يېڭى دەۋر باشلاندى

12 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 4 يىللىق بولغان بوسنا ھەرسەك ئۈچ تەرەپ دۆلەت رەئىسلىك كېڭىشى ئەزالىقىغا سايلانغان باقىر ئىززەتبېگوۋىچ، دىراگان چوۋىچ ۋە مىلادېن ئىۋانىچ تۈنۈگۈن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

194123
بوسنا ھەرسەكتە يېڭى دەۋر باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنا ھەرسەكتە يېڭى دەۋر باشلاندى.
12 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 4 يىللىق بولغان بوسنا ھەرسەك ئۈچ تەرەپ دۆلەت رەئىسلىك كېڭىشى ئەزالىقىغا سايلانغان باقىر ئىززەتبېگوۋىچ، دىراگان چوۋىچ ۋە مىلادېن ئىۋانىچ تۈنۈگۈن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.
كېڭەش باشلىقلىق ۋەزىپىسىمۇ بوشناق ئەزا باقىر ئىززەتبېگوۋىچتىن سېرب ئەزا مىلادېن ئىۋانىچقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
ئىۋانىچ، يېڭى دەۋردە مۇرەسسەچىلىكنى يېڭى سىياسەتلەر بىلەن باشلايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
ياش نوپۇسىنىڭ دۆلەتنى تەرك ئەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىۋانىچ، بۇنىڭ بوسنا ھەرسەك ئۈچۈن زوچ يوقىتىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
8 ئاي كېيىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئىۋانىچتىن ئۆتكۈزۈۋالىدىغان كىرۇدىيەلىك ئەزا دىراگان چوۋىچمۇ بوسنا ھەرسەكنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
كېڭەشنىڭ بوشناق ئەزاسى باقىر ئىززەتبېگوۋىچ بولسا بوسنا ھەرسەكنىڭ تېخىمۇ كۆپ جېدەل – ماجىرالار ۋە سۈركىلىشلەر بىلەن ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان ۋاقتىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر