ئى ش ئى د مۇسۇلمان بىر ئامېرىكىلىقنى قەتلى قىلدى

سۈرىيەدە يەنە بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

192044
ئى ش ئى د مۇسۇلمان بىر ئامېرىكىلىقنى قەتلى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا بۇلتۇر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان ئامېرىكىلىق پائالىيەتچى پېتېر كاسسىگنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى كاسىگنىڭ بېشىنى كېسىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكىلىق پائالىيەتچى كاسىگ سۈرىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ئىسمىنى ئابدۇراخمانغا ئۆزگەرتكەنىدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئۆكتەبىردە بېشىنى كېسىپ ئۆلتۈرگەن ئەنگلىيەلىك پائالىيەتچى ئالان ھېننىڭنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلغان ۋىدىئودا، ئىتتىپاقداش كۈچلەر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان كاسىگنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر