ئوباما بىلەن شى جىنپىڭ قايسى مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

باراك ئوباما بىلەن شى جىنپىڭ قايسى مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى، قايسى مەسىلىلەردە ئىختىلاپ بولدى.

188878
ئوباما بىلەن شى جىنپىڭ قايسى مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتايدا ئېلىپ بارغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى ئەسناسىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئىككى رەھبەر كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش قىلىش، ھەربىي ئۇچۇر مىخانىزمىسى قۇرۇش، تېخنىكا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، قانۇن ئىجرائىيە ئورۇنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ساياھەت، ئوقۇش ۋە سودا ۋىزىلىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. بىراق كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە بۇرۇنقىدەكلا ئىختىلاپ قىلىشتى.
مۇتەخەسسىسلەر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ھەر خىل ئانالىزلارنى ئېلىپ باردى.
ئامېرىكىدا كېلەر قېتىملىق پىرېزېنتلىق سايلىمى جەريانىدا، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئامېرىكا پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ رىقابەتچىلىرىنى تەنقىدلەيدىغان كوزۇرغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئوباما بىلەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە بىر قاتار مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىرگە كېلىشى ئوباماغا تېخىمۇ ئۈستۈنلۈك ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر