ئۇرۇشتىن قاچقانلارنىڭ سانى 13 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى
سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى توقۇنۇشلاردا 13.6 مىليون كىشى ئۆي – ماكانسىز قالدى.
187476
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇرۇشتىن قاچقانلارنىڭ سانى 13 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.
سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى توقۇنۇشلاردا 13.6 مىليون كىشى ئۆي – ماكانسىز قالدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا بىيۇروسى دىرېكتورى ئامىن ئېۋەد، ئۆي – ماكانسىز قالغان ئىراقلىقلار بىلەن سۈرىيەلىكلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل دۇنيانىڭ بولسا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئېۋەد، ئىراقتا يىلىغا 1.9 مىليون كىشىنىڭ ئۆي – ماكانسىز قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ لىۋان، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئېۋەد، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ئىشىكلىرىنى ئېچىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.