«ئى ش ئى د» ئىراققا تەھدىت سالماقتا

«ئى ش ئى د» گۆرۈگە ئېلىۋالغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى.

188259
«ئى ش ئى د» ئىراققا تەھدىت سالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئى ش ئى د» ئەگەر ئىراق ئەسكەرلىرى ھىت ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلدىغان بولسا، قول ئىلىكىدىكى 100 نەپەر گۆرۈگە ئېلىۋىلىنغان كىشىلەرنى ئولتۇرۇپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالدى.
ئىراق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇنۇش قىسىملىرى كېڭىشى باشلىقى ۋىسام ئەل ھاردان، «ئى ش ئى د»نىڭ ساقچىلار ۋە كونا ئۇيغۇنۇش قىىسملىرى ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان 100 كىشىنى ئەنبارنىڭ ھىت ناھىيەسىدىن تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋىسام ئەل ھاردان، «ئى ش ئى د»نىڭ بىر ھەيئىتىنىڭ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئەگەر ئىراق ئەسكەرلىرى ياكى قوراللىق قەبىلىلەر ھىتكە قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان بولسا، قول ئىلكىدىكى گۆرۈگە تۈتىۋېلىنغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەمدە مەن ئۇلارغا، «ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى ئىراق زېمىنى مەسىلىسىدە قەتئىي سودىلاشمايدۇ، سىلەرنىڭ قول ئىلكىڭلاردىكى گۈرۈگە تۇتۇۋېلىنغان كىشىلەر خۇددى ئەنبار ۋە باشقا شەھەرلەردە ھاياتىدىن ئايىرىلغان شېھىتلەر بىلەن ئوخشاش شېھىت ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم دېدى.
ھاردان ئىراق ھۆكۈمىتى، ئارمىيەسى ۋە ئۇلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقان كۈچلەرنىڭ ھەرگىزمۇ تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىگە بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئەنباردىكى ھەربىي ھەرىكەت قوماندانى رەشىد فەلىھ، ئىراق ھاۋا ئارمىيە قىسمى بىلەن قۇرۇغلۇق ئارمىيەسى ماسلاشقان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا «ئى ش ئى د»نىڭ فەللۇجەگە تەيىنلىگەن ۋالىيسى داۋۇد ئەل ئەلۋانى بىلەن مۇئاۋىنى ئەبۇ ئەيمەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 نەپەر تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر