مېكسىكىدا خەلق ساقچىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

مېكسىكىدا خەلق زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولغان ساقچىلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

188135
مېكسىكىدا خەلق ساقچىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىدا ساقچىلار بىلەن چېتىشلىقى بولغان زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرىنىڭ 43 ئوقۇغۇچىنى قەتلى قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
گېررېرو ۋىلايىتىدە نامايىشچىلار ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىنقىلابچى پارتىيە مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر ساقچى ئەمەلدارىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى. نامايىشچىلار ساقچى ئەمەلدارىنى بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى.
نامايىشچىلار پېداگوگىكا مەكتىپىدىن 43 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزلىرىگە ساق تاپشۇرۇپ بېرىلگۈچە نامايىش ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
بىر ئەخلەت ساندۇقىدىن تېپىلغان كۆيدۈرۈۋېتىلگەن جەسەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى، بۇ جەسەتلەرنىڭ 42 ئوقۇغۇچىغا تەۋە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.
جەسەت سۆڭەكلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، قەتلى قىلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ DNAسى چىقمىدى.
ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق بەرگەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى بىلەن، زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرى بىلەن تۇغقان بولغان رەپىقىسى ھېلىھەم قاماقتا ياتماقتا.
ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى شەھەر باشلىقىنىڭ رەپىقىسىنىڭ سۆز قىلماقچى بولغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەقە تۇغدۇرۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن شەھەر باشلىقىنىڭ ساقچىلارغا ئوقۇغۇچىلارنى ئېتىپ تاشلاشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
شەھەر باشلىقىنىڭ شەھەردە نۇرغۇن ئىش ئورنى ۋە سودا-سېتىق مەركەزلىرىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر