گېرمانىيەدە ئى ش ئى د ئەزالىرىغا زەربە بېرىلدى

گېرمانىيەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەرەپدارلىرىغا زەربە بېرىلدى

188151
گېرمانىيەدە ئى ش ئى د ئەزالىرىغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى.
گېرمانىيە فېدراتىپ باش تەپتىش مەھكىمىسى كۆلىن تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەرەپدارلىرى بولغان 10 ئادەم تۇتقۇن قىلدى. ھەرىكەتتە ئۆيلىرى ئاختۇرۇلغان گۇماندارلارنىڭ ھۇجۇم تەييارلىقىدا ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىنغانىدى.
فېدراتىپ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى گېرمانىيە پۇقراسى ئىكەن. بۇ كىشىلەر سۈرىيەدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارغا پۇل ئەۋەتىش ۋە سۈرىيەگە بارماقچى بولغانلارنى پۇل بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى.
گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ گېرمانىيەدە چەكلىنىشىنىڭ توغرا قارار بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر