مۇساپىرلار دۆلىتى ئىئوردانىيە...

ئىئوردانىيە نۇرغۇن مۇساپىرغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا.

186131
مۇساپىرلار دۆلىتى ئىئوردانىيە...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوشنا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلىگەن سۈرىيەلىك مۇساپىرلار سۈرىيەدىكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەلەردىن بىرى.
ئىئوردانىيە سۈرىيەلىك مۇساپىرلاردىن سىرت، ئىراق ۋە پەلەستىندىن كەلگەن مىليونلارچە مۇساپىرغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا.
ئىئوردانىيە سۈرىيەدە 2011-يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى بەش چوڭ مۇساپىرلار لاگېرىدا ياشاۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.
مۇساپىرلار لاگېرلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدىغان زاتارىدا 100مىڭغا يېقىن سۈرىيەلىك مۇساپىر ياشايدۇ. ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىئوردانىيە ھۆكۈمىتى، تاشقى ياردەملەرگە تايىنىپ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلماقتا. ھازىرغىچە ئىئوردانىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ئاران 2 مىليون 243 مىڭ دوللار بېرىلدى.
ئالاقىدار مەسئۇللار تاشقى يارەملەرنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا تېخىمۇ كۆپ ياردەملەرگە ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ياردەملەرنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبلىك سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسمى مەملىكىتىگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا.
سۈرىيەگە قايتىپ كەتكەن مۇساپىرلار سانى 130مىڭغا يەتتى. نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى 1948-يىلدىكى ئۇرۇشتا پەلەستىندىن كەلگەن مۇساپىرلاردىن تەشكىل تاپقان ئىئوردانىيەدە، 500مىڭدەك ئىراقلىق مۇساپىر ياشايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر