مىسىردا 19 «زوراۋان» ئۆلتۈرۈلدى

مىسىردا دۆلەت ئارمىيەسى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ 19 زوراۋاننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

186126
مىسىردا 19 «زوراۋان» ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارمىيەسى تەرىپىدىن شىمال سىنا رايونىدىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 19 زوراۋان ئۆلتۈرۈلدى.
ئارمىيە باياناتچىسى مۇھەممەد سەمىر شىمال سىنا، ئىسمالىييە، دىميات ۋە ئەد-دەكاھلىيە شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 249 گۇماندارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتچى سەمىر زوراۋانلارغا تەۋە 306 يەرنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى، 3 قورال-ياراغ ئىسكىلاتى ۋە نۇرغۇن ئاپتوموبىلنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. رايوندا 24-ئۆكتەبىردە ئىككى بىخەتەرلىك ئېغىزىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 30 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 31 ئادەم يارىلانغانىدى.
ھۇجۇمدىن كېيىنلا ئىككىنچى بۇيرۇق چۈشۈرۈلگىچە رەفاھ چېگرا ئېغىزى تاقىۋېتىلگەندىن سىرت، رايوندا 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر