«خەلىپە»نى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە قىسىم ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادىنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى ھەرىكەتكە ئۆتتى.

186556
«خەلىپە»نى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە قىسىم ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى كاتتىۋېشى ئەبۇبەكىر ئەل باغدادىنىڭ ئىزىغا چۈشكەن ئامېرىكا، ئىراققا ئەل قائىدە كاتتىۋېشى ئۇسامە بىن لادىننى ئۆلتۈرگەن Navy Seal ئىسىملىك ئالاھىدە قىسىمنى ئەۋەتتى.
51 كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئالاھىدە ئەترەت 3 كۈن ئىلگىرى باغدادقا يېتىپ كەلدى، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادىنىڭ ئورنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن.
ئالاقىدار ئورۇنلار 42 كۈندىن بۇيان باغدادىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىڭ بىلىنمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر ئالاھىدە ئەترەتنىڭ مەقسىتى باغدادى بولسا دەسلەپ ئىراقتا ئەمەس سۈرىيەدە ئالدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداقلا 42 كۈندىن بۇيان باغدادىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بارلىق خىزمەتلەردىن ئۈنۈم ئېلىنمىدى» دەپ بايانات بەردى.
پاكىستاندا 2011-يىلى 2-مايدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئەل قائىدە كاتتىۋېشى ئۇسامە بىن لادىننى ئۆلتۈرگەن ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىمىنىڭ يېڭى ۋەزىپە بىلەن ئىراققا كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىراق ئىستىخبارات ئىدارىسى ئاشكارىلىۋەتكەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىن لادىننى ئۆلتۈرگەن ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى بۇ قېتىم ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى كاتتىۋېشى ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادى ئۈچۈن ئىراققا كەلگەن. 51 كىشىلىك ناھايىتى پىششىق ئەرەبچە بىلىدىغان ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى ئەزالىرى يەرلىك ئىستىخبارات ئورۇنلىرىدىن ئىستىخبارات تورى شەكىللەندۈرۈپ، باغدادى ھەققىدە مەلۇمات توپلاۋاتقانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ 100 جاسوسىمۇ ئىراقتا باغدادىنى تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر تەرىپىدىن ئىراقتا ھاۋادىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى باياناتچىسى ئەبۇ مۇھەممەد ئەل ئادنانى ئۆلتۈرۈلدى. ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەل ئادنانىنىڭ ھاۋادىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئىراقنىڭ سالاھاددىن ۋىلايىتىدە ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان سالاھاددىن ھەرىكەتلەر قوماندانلىقى بەيجى شەھرىدە 80 نەپەر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر