«ئى ش ئى د»نىڭ ھۇجۇمىدا بىر مايۇر گېنېرال ئۆلدى

بەيجى شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا «ئى ش ئى د» مىلېتانلىرى ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

185692
«ئى ش ئى د»نىڭ ھۇجۇمىدا بىر مايۇر گېنېرال ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىراق ئارمىيەسى بىر ھەپتە ئىلگىرى بېسىپ كىرگەن بەيجى شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا «ئى ش ئى د» مىلېتانلىرى ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
بومبا ئاپتوموبىلنى پارتلاتقان ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى بىر نەپەر مايور گېنېرال بىلەن قوشۇلۇپ 2 ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشغا ۋە 9 ساقچىنىڭ يارىدار بولىشىغا سەۋەب بولدى.
ئىراق ئارمىيەسى بىر ھەپتىدىن بۇيان بەيجىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ شەھەرنىڭ %70 پىرسەنتىنىڭ دېگۈدەك كونتېروللۇقىنى تارتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇسۇل يولى ئۈستىگە جايلاشقان بەيجى شەھىرىنىڭ كونتىروللۇقىنى ئەگەر ئىراق ئەسكەرلىرى قولغا چۈشۈرەلىسە، تىكرىت شەھىرىدىكى «ئى ش ئا د» مىلېتانلىرىنىڭ تىرانسپورت يولى كېسىلگەن ۋە «ئى ش ئا د»نىڭ بەيجى ئەتراپىدىكى نېفىت زۇۋاتى قورشاۋىمۇ بۇزۇپ تاشلانغان بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ئىتتىپاقداش قوشۇنلىرى يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە ئىراقتا 6 قېتىم ۋە سۈرىيە 8 قېتىم «ئى ش ئا د»غا قارشى ھۇجۇم ئېلىپ باردى.
ئامېرىكا ئارمىيە باش قۇماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن 7 سىنىڭ كوبانىدىكى نىشانلارغا قارىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىراقتىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ بولسا، فەللۈجە ۋە رامادا شەھەرلىرىدىكى نىشانلارغا قارىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيەدە ئەلنۇسرا جەبھىسى ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى مۆتىدىل قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونترولۇقىدىكى 3 يېزىنى قولغا چۈشۈردى.
ئەل نۇسرا تەشكىلاتى قورال ئىسكىلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغانلىقىغا قارىماستىن، ھاما ۋىلايىتىگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىمەكتە.
سۈرىيەلىك بىر نەپەر قوزغىلاڭچى، ئەلنۇسرا تەشكىرتىنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنى يوق قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۈرۈشتا بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر