ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا
سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا.
184443
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا.
سۈرىيە ئارمىيەسىگە ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلانلار تەرىپىدىن ھەلەپتىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى شىئار رايونىغا 2 ۋارىل بومبىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى، ئونلارچە ئۆي - ماكان ۋەيران بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، رايوننى ئىس – تۈتەك قاپلاپ كەتكەن.