«شەرقىي قۇددۇستىكى ۋەقەلەر كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ»

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قۇددۇستىكى زوراۋانلىقلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

183509
«شەرقىي قۇددۇستىكى ۋەقەلەر كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا، يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كىشىنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بىر پەلەستىنلىك ئاپتوموبىل بىلەن ئىسىرائىلىيەلىك پىيادىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ 14 ئادەمنى يارىلاندۇرغان؛ ئارقىدىن ئاپتوموبىل شوپۇرى ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋەقەلەر ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن باياناتتا، بۇ ۋەقەلەرنىڭ قەستەن پەيدا قىلىنغان بولۇش مۇمكىنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
« شەرقىي قۇددۇستىكى ۋەقەلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ھەر ئىككى تەرەپنى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان زوراۋانلىقلارنىڭ پەسەيتىلىشى ئۈچۈن كەسكىن قەدەملەرنى بېسىشقا چاقىرىمىز. ئۈچ ساماۋى دىن ئۈچۈن مۇقەددەس شەھەر ھېسابلىنىدىغان قۇددۇستا يۈز بەرگەن مەسىلىلەر، پەلەستىن – ئىسىرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى دائىرىسىدە ۋە خەلقئارالىق قانۇنلار ئاساس قىلىنغان ھالدا ھەل قىلىنىشى لازىم.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر