گۇاڭدوڭدا ساقچىلار بىر زاۋۇتنى قورشىۋالدى

گۇاڭدوڭدا ساقچىلار بىر زاۇۋتنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئون نەچچە ئىشچىنى نارزارەت ئاستىغا ئالدى.

184310
گۇاڭدوڭدا ساقچىلار بىر زاۋۇتنى قورشىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا قانۇنغا ئاساسەن دۆلەتنى باشقۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بەس-مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ بەزى رايونلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى يەرلىك قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بېسىمىغا ۋە قوپال مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە.
گۇاڭدوڭدىكى مەلۇم بىر ئاياغ زاۋۇتىدا ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىماقچى بولغان ئونلارچە ئىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى، ئىشچىلاردىن 7سى «ئىشلەپچىقىرىشقا زىيان بېرىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىپ سوتلاندى.
بۇ ئەھۋالغا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
مەلۇم بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىشچىلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، 7 ئىشچىنىڭ بولسا سوتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق، بۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشقا ئىگە كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا نىسبەتەن ئاشقانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك دېلولارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، سوتلانغان ئىشچىلارنىڭ بۇرۇنراق قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر