خوڭكوڭدا 3 نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

خوڭكوڭدا بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بويان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا ئۈچ نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

182890
خوڭكوڭدا 3 نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خوڭكوڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ساقچىلار نامايىشلارنىڭ ئاساسلىق مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان موڭكوڭغا يېرىم كېچىدە باستۇرۇپ كىرگەن؛ ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار جەريانىدا ئۈچ نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

نامايىش مەيدانىدىكى كۆپ ساندا نامايىشچىنىڭ مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە قارشى ئەنگلىيە خەلقىنىڭ ئويغىنىشىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان «V for Vendetta» فىلىمىنىڭ باش قەھرىمانى تاقايدىغان «Guy Fawkes» ماسكىسىنى تاقىۋېلىشى دىققەتنى تارتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ نامايىشلارنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشىغا ياردەم قىلىشى ئۈچۈن زاپاس كۈچ ئەۋەتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

خىتاينىڭ بۇنداق بىر ئىشنى قىلىشى سىياسىي ۋە قانۇنىي تەرتىپ – ئىنتىزاملىرى خىتايدىن پەرقلىق بولغان خوڭكوڭدا قانۇنلۇق سالاھىيەت ساھەلىرى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىرىشى مۇمكىن. خىتايغا قاراشلىق ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بولغان خوڭكوڭ «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» بىلەن باشقۇرۇلۇپ كەلمەكتە.

نامايىشچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئۆز رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ 40 كۈندىن بۇيان نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خىتاي، مۇشۇ يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا خوڭكوڭ خەلقىنىڭ 2017- يىلى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سايلامدا ئۆز رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىقالايدىغانلىقىنى، لېكىن، نامزاتلارنىڭ كۆپ خىل قاتلاملار ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر كومىتېت تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر