غەربىي ئافرىقىدا ئېبولا سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەربىي ئافىرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەردە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ نىسبىتىدە ئازىيىش كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

183333
غەربىي ئافرىقىدا ئېبولا سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيادا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان لىبېرىيەدە ئازىيىش كۆرۈلگەنلىكىنى؛ گىنەدە ئاستىلىغانلىقىنى؛ سېررالېئوندا داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى بۇرۇنقى 4951 دىن 4818 كە تۆۋەنلىگەن.
ئېبولا ۋىرۇسى غەربىي ئافرىقىدا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇرلىماقتا. سېررالېئوندا ھۆكۈمەتنىڭ ئېبولاغا قارشى كۈرىشىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان بىر مۇخبىر قولغا ئېلىندى ۋە رادىيو پىروگراممىسى بىكار قىلىندى.
بۇ جەرياندا، مالى، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىن كېيىن شىۋېيتسارىيەدىمۇ ئېبولا ۋاكسىناسى خالىس كىشىلەر ئارقىلىق سىناق قىلىنىشقا باشلاندى. شىۋېيتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە 120 كىشىدە سىناق قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى. پەقەتلا ئېبولا ئاقسىلى بار ۋاكسىنىنى سىناق قىلغان بىر خالىس دوختور پات ئارىدا غەربىي ئافرىقىغا بارىدۇ. سىناق نەتىجىلىرىنىڭ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئىسپانىيەدە ئېبولا بىمارىغا قارىغاندا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان سېستىرا بىر ئايدا سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشىلىنىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۇ سېستىراغا ئېبولادىن ياخشىلانغان بىمارلارنىڭ قېنىدىن ئېلىنغان ئانتىتېلا بېرىلگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر