ئوباما، خىتاي قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە بولۇشقا تەييارلانماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاي، بىرما ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە بولۇشقا تەييارلانماقتا.

181305
ئوباما، خىتاي قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە بولۇشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئاسىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا تەييارلانماقتا؛ ئوبامانىڭ ئاسىيا زىيارىتى خىتاي، بىرما ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

باراك ئوبامانىڭ بىر ھەپتىلىك ئاسىيا زىيارىتى دۈشەنبە كۈنى (2014-يىلى 10- نويابىر) باشلىنىدۇ.

ئوباما خىتايدا چاقىرىلغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر يىغىنىغا، بىرمادا چاقىرىلىدىغان شەرقىي ئاسىيا ئالىي دەرىجىلىكلەر ۋە ئامېرىكا – شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىغا، ئاۋسترالىيەدە بولسا، 20 دۆلەت گوروھى رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر