ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئېلان قىلىندى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «ئىسرائىلىيە ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدى» دېدى.

182224
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ يېزىچە ئېلىپ بارغان غەززە ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ساندا كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قورالسىز پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ئارقىلىق ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، 18 مىڭ ئۆينىڭ يىقىلىپ چۈشكەنلىكى، بەزى ھۇجۇملاردا ئۆي ئىچىدىكى پۇقرالارنىڭ ئىنتايىن پاجىئەلىك بىر شەكىلدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «بىۋاستە ۋە قەستەنلىك بىلەن پۇقرالار ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى كۆرۈلگەن ئەھۋاللاردا، بۇنداق ھۇجۇم ئۇرۇش جىنايىتىنى شەكللەندۈرگەن بولىدۇ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان بارلىق جەريانلاردا ئۆيدە ئۆلتۈرۈشلۈق پۇقرالارنىڭ ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇلمىغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئەگەر ئاگاھلاندۇرغان بولسا ئىدى، بۇنچە كۆپ ساندا پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلمىغان بولاتتى. بۇ ئەھۋال مانا ئاشكارا كۆرۈنۈپلا تۇرۇپتۇ.»
دوكلاتتا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ خىل ھۇجۇملارنى نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بارغانلىقىغا دائىر تەلەپ قىلىنغان باياناتقا جاۋاب قايتۇرمىغانلىقى تەكىتلەندى.
ئىسرائىلىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان غەززەگە 7 – ئىيۇلدا باشلىغان ۋە 51 كۈن داۋاملاشقان ھۇجۇمدا 2157 غەززە پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 11 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر