كانادا ئايروپىلانلىرى ئى ش ئى د نى بومباردىمان قىلدى

كانادا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىراقتا فىرات دەرياسى ساھىلىغا ئورۇنلىشىپ، خەلقنىڭ پاكىز سۇغا بولغان ئېھتىياجىغا توسالغۇلۇق قىلغان ئى ش ئى د قىسىملىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.

181567
كانادا ئايروپىلانلىرى ئى ش ئى د نى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا ئارمىيەسىنىڭ لېيتېنانت گېنېرالى جونېيسىن ۋونىس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كانادا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ ئىراق پۇقرالىرىنىڭ سۇغا ئېرىشىش يولىنى توسۇۋالغان ئى ش ئى د قىسمىنىڭ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنىپ يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ فىرات دەرياسى ساھىلىدىكى ئى ش ئى د نىڭ 27 ئاپتوموبىلىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقلىرىنى، ھازىرغىچە بىرلەشمە قىسىم بىلەن بىرلىكتە 27 قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئاخىرىدا، بومباردىماندا پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، لېيتېنانت گېنېرال ۋونىس كانادا فېدېرال پارلامېنتىدا ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر