APEC يىغىنى بېيجىڭدا باشلىدى
ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) يىغىنىدىن ئىلگىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرلار يىغىنى بېيجىڭدا باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: APEC يىغىنى دائىرىسىدە 11- نويابىرغىچە بېيجىڭدا APEC – خىزمەت – مەسلىھەت كېڭىشى ۋە APEC مىنىستىرلار يىغىنىدىن باشقا APEC شىركەت باشلىقلىرى ۋە APEC لىدېرلەر يىغىنلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ. 22- نۆۋەتلىك APEC ئىقتىساد رەھبەرلىرى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ئەزا ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. APEC يىغىنى ئۈچۈن بېيجىڭ ۋە ئەتراپىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېھمانلارنىڭ قىستاڭچىلىقتا قالماسلىقى ئۈچۈن بېيجىڭدا 7- نويابىردىن 12- نويابىرغىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. يىغىن بويىچە ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ ئەركىن سودىغا رىغبەتلەندۈرۈش، رايون خاراكتېرلىق ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشنىڭ كۈچەيتىلىشى، ئىقتىساد ۋە پەن – تېخنىكا ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئاشۇرۇلۇشىدىن باشقا سودا مۇھىتىنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تېپىشى كۈتۈلمەكتە.
ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سودا ۋە سېلىنمىلىرىنىڭ ئەركىنلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئىقتىسادلىرىنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈشى دائىرىسىدە ئەزا ئەللەرنىڭ ھەمكارلىق ۋە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قۇلايلاشتۇرۇلۇشى مەقسىتىدە قۇرۇلغان APEC نىڭ 21 ئەزاسى بار بولۇپ، دۇنيا سودا ھەجمىنىڭ 44% ىنى، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 40% ىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.