ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى تۇرالغۇ جاي پىلانى نارازىلىققا دۇچ كەلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى تۇرالغۇ جاي پىلانلىرى ئامېرىكىنىڭمۇ نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى.

180925
ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى تۇرالغۇ جاي پىلانى نارازىلىققا دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇددۇسنىڭ شەرقىدە 500 يەھۇدىي تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بېرىشى پەلەستىنلىكلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى. ئىسرائىلىيە مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق پىلان ۋە قۇرۇلۇش كومىتېى قۇددۇستتا كۆچمەن يەھۇدىيلار ئۈچۈن 500 تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان. يېڭى تەستىقلانغان بۇ 500 تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىش قۇرۇلۇش پىلانى، نۆۋەتتىكى مەۋجۇت 1600لىق تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىش قۇرۇلۇش پىلانىغا قوشۇمچە ھالدا ئىجرا قىلىنىدىكەن.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تۇرالغۇ جاي سېلىنىدىغان رامات شىلومو رايونىنى 1967-يىلى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرقىدىن تارتىپ ئېلىپ، شەرقىي قۇددۇسقا قوشۇۋەتكەنىدى.
ئىسرائىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ خەۋەرلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن بولسىمۇ، بىراق يالغانغا چىقارمىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باياناتچىسى جېن پىساكى، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قارار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچۈن ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن تەلەيسىزلىكتۇر.»
ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ھەقتە ئىسرائىلىيەدىن چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلدى. ئىسرائىلىيەدىكى «ھازىر تىنچلىق ھەرىكىتى» مەزكۇر قارارنىڭ شەرقىي قۇددۇسنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەلەستىنلىك باش مۇزاكىرىچى سائەب ئېرەكاتمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن پەلەستىننىڭ دۆلەت بولۇش تىرىشچانلىقىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ياردەم تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئىسرائىلىيە ھېلىھەم پەلەستىنلىك ئەرلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىگە چەكلىمە قويماقتا. 50 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر مەسجىدى ئەقسانىڭ دەرۋازىسىدىن قايتۇرۇلماقتا.
مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس ماكانلىرىدىن بىرى بولغان مەسجىدى ئەقساغا ئالدىنقى كۈنى بىر تۈركۈم رادىكال يەھۇدىي پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كىرىشى قۇددۇسنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر