ئامېرىكىدىن « hyundai»غا رېكورت خاراكتېرلىك جازا...

ئامېرىكا « hyundai» بىلەن «Kia» شىركەتلىرىگە رېكورت خاراكتېرلىك جازا بەردى.

180889
ئامېرىكىدىن « hyundai»غا رېكورت خاراكتېرلىك جازا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئشىتاتلىرى «hyundai» ئاپتوموبىل شىركىتىگە رېكورت خاراكتېرلىك جازا بەردى.
جەنۇبىي كورىيەدە مەركىزى بولغان« hyundai» ئاپتوموبىل شىركىتى، ئاپتوموبىلارنىڭ يېقىلغۇ تىجەپ قېلىش فونكسىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئاشۇرۇپ كۆرسىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 350 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادى جازاغا ھۆكۈم قىلىندى.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بىلەن مۇھىت ئاسراش ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، « hyundai» موتور گۇرۇھىغا قاراشلىق « hyundai» ۋە «Kia» شىركەتلىرىنىڭ بېكتىلگەن ئىقتىسادى جازالارنى تۆلەشكە ماقۇل بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
2012-يىلى « hyundai» ۋە «Kia» تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان 1 مىليون 200 مىڭ ئاپتوموبىلغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق مەلۇماتلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللارغا خاتا مەلۇم قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان، مەزكۇر ئىككى شىركەت بولسا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.
350 مىليون دوللارلىق جازانىڭ 100 مىليون دوللارلىق قىسمىنى جازا بەدىلى، 50 مىليون دوللارلىق قىسمىنى بولسا كەلگۈسىدە خاتالىق سادىر بولماسلىق ئۈچۈن تەدبىرلەر ئېلىش مەقسىتىدە ئېلىنىدىغان بەدەل تەشكىل قىلىدۇ.
ئىككى شىركەت مۇھىت قوغداش ئاگېنتلىقىغا 4 مىليون 750مىڭ توننىلىق پارنىك گازى تارقىتىش چېكىنىڭ بەدىلى بولغان 200 مىليون دولارنى جازا سۈپىتىدە تۆلەيدۇ.
بۇ جازا ئوباما ھاكىمىيىتى 2013-يىلى نويابىردا ئېلان قىلغان كىلمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش ئىستىراتېگىيەسىنىڭ يادروسىدىكى قانۇنلاردىن بولغان ساپ ھاۋا قانۇنى دائىرىسىدە بېرىلگەن ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادى جازا بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر