پاكىستان-ھىندىستان چېگرىسىدا ۋەقە يۈز بەردى

پاكىستان-ھىندىستان چېگرىسىدا ۋەقە يۈز بېرىپ 55 ئادەم ئۆلدى.

178949
پاكىستان-ھىندىستان چېگرىسىدا ۋەقە يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان-ھىندىستان چېگرىسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى مەيدانغا كەلدى.
دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 55 ئادەم ئۆلگەن، 100دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراق چۈشۈرۈش مۇراسىمىدىن كېيىنلا مەيدانغا كېلىشى سەۋەبلىك، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
ۋاگاھ چېگرا ئېغىزى پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر ئالاقە ئېغىزى ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر