ب د ت كىلمات دوكلاتى ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا كىلىماتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.

178950
ب د ت  كىلمات دوكلاتى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان كىلىمات دوكلاتىغا كۆرە، دۇنيا كىلىماتى بارغانچە ناچارلاشماقتا ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر، پارنىك گازى چىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش ۋە يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
كىلىمات ئۆزگىرىشى ھۆكۈمەتلەر ئارا مۇنبىرى تەرىپىدىن 900 ئىلىم ئەھلىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا تەييارلاپ چىقىلغان دوكلاتتا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان سانلىق مەلۇماتلار ۋە يەكۈنلەر بار.
30مىڭ سەھىپىلىك دوكلاتتا، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، بۇنىڭ تەسىرلىرىنى ئازايتىشتا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ۋە تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا يەنە يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىدە ئىنسان ئامىلىنىڭ تەسىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقى، ئىنسانلار سەۋەب بولغان پارنىك گازلىرى تارقىلىش نىسبىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
1950-يىلدىن بۇيان نەزەردىن ساقىت قىلىنغان ۋە كۆزىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان يەنە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرمۇ قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، ئاتموسفېرا بىلەن ئوكيانلارنىڭ ئىسسىپ بېرىۋاتقانلىقى، قار ۋە مۇز قاتلاملىرى مىقدارىنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
دوكلاتتا يەنە، 1901-يىلدىن 2010-يىلغىچە دېڭىز يۈزى سەۋىيىسىنىڭ تەخمىنەن 19 سانتىمېتىر يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى. ئىنسانلار سەۋەب بولغان پارنىك گازى تارقىلىش ھادىسىسى ۋە ئاتموسفېرادىكى كاربون تۆت ئوكسىد، مېتان ۋە نىترىكوكسىد بىرلەشمىسىنىڭ 800مىڭ يىل جەريانىدا ئىلگىرى پەقەتلا كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى قەيت قىلىندى.
دوكلاتتا، 21-ئەسىردە يەر شارىنىڭ ئىزچىل ئىسسىپ ماڭىدىغانلىقى، پارنىك گازى تارقىلىش ھادىسىسى ئاخىرلاشقان تەقدىردىمۇ، كىلىمات ئۆزگىرىش ھادىسىسىنىڭ تەسىرلىرىنىڭ ئەسىرلەرچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن مەزكۇر دوكلاتنىڭ خاتىمە قىسمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە قارشى كۈرەشلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر