ئى ش ئى د نىڭ سېپىگە قېتىلغانلارنىڭ سانى مىڭغا يەتتى

بىر ئاي ئىچىدە ئى ش ئى د نىڭ سېپىگە قېتىلغانلارنىڭ سانى مىڭغا يەتتى.

177046
ئى ش ئى د نىڭ سېپىگە قېتىلغانلارنىڭ سانى مىڭغا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر ئاي ئىچىدە ئى ش ئى د نىڭ سېپىگە قېتىلغانلارنىڭ سانى مىڭغا يەتتى.
ئاخبارات مەنبەلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ھېچقانداق بىر ئۇرۇشقا بۇنداق كۆپ ساندا چەتئەللىك قاتناشمىغان.
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى، بىر ئاي ئىچىدە مىڭ چەتئەللىك جەڭچىنىڭ ئى ش ئى د نىڭ سېپىگە قېتىلىش ئۈچۈن سۈرىيە چېگرىسىدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە نۆۋەتتە 80 دۆلەتتىن 16 مىڭ كىشىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن سۈرىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇلاردىن 2 مىڭ كىشىنىڭ ياۋروپالىق، كۆپىنچىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقلىق ۋە شىمالىي ئافرىقىلىق ئىكەنلىكىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر