ئەسەد قىسىملىرى 40 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئەسەد قىسىملىرى مۇساپىرلار لاگېرىغا ۋارىل بومبىلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

174041
ئەسەد قىسىملىرى 40 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئارمىيەسى ئىدلىبتىكى مۇساپىرلار پاناھلىنىۋاتقان چېدىر شەھەرگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 40 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاب كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئىدلىب رايونىدا مۇساپىرلار پاناھلىنىۋاتقان ئابىدىن چېدىر شەھرىگە «ۋارىل بومبىلىرى» بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
ھۇجۇمدا بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ ئەڭ ئاز 40 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، يارىلانغان ئونلارچە ئادەمنىڭ رايوندىكى كۆچمە دوختۇرخانىلارغا ياتقۇزۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.
سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاپ كېڭىشى ھۇجۇمنى «قەتلىئام» دەپ تەرىپلىگەن بولسا، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىرىنى بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر