جون كېررىي جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى
جون كېررىي 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، پىرېزىدېنت باراك ئوباما ۋە ئامېرىكا خەلقىگە ۋاكالىتەن تۈرك خەلقىنىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
جون كېررىي بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئىككى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ھەر ئىككى خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جون كېررىي ئىككى دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقدېشى سۈپىتىدە، پۈتكۈل دۇنيادا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
ئۆتكەن ئاي ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقان كېررىي، ئىككى دۆلەتنىڭ بەزى مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان قاراشلارغا ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا بىر-بىرلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىرېلاندىيەمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسپانىيە ۋە نورۋېگىيەدىن كېيىن ئىرېلاندىيەمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.
ئىسپانىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسپانىيە ۋەزىرلەر كېڭىشى پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش قارارنامەسىنى ماقۇللىدى.