ئەنگلىيەلىك مۇخبىر: كوبانى ئى ش ئى د نىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولدى

ئەنگلىيەلىك بىر مۇخبىر ئى ش ئى د نىڭ تەشۋىقاتىنى قىلدى

173277
ئەنگلىيەلىك مۇخبىر: كوبانى ئى ش ئى د نىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى ردىيوسى خەۋىرى: ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئەنگلىيەلىك بىر مۇخبىرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلدى.
تەخمىنەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئەنگلىيەلىك مۇخبىر جون كېنتلىنىڭ، سۈرىيەنىڭ كوبانى ناھىيەسىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنى ماختاپ كۆرۈنۈشكە ئالغان ۋىدىئونى ئېلان قىلدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەرىپىدىن كۆرۈنۈشكە ئالدۇرۇلغان ۋىدىئودا، جون كېنتلى كوبانىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى ۋە شەھەردە توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتقان.
تۈركىيە چېگرىسىدا كۆرۈنۈشكە ئېلىنغان ۋىدىئودا ئەنگلىيەلىك مۇخبىر: «ھازىر كوبانىدا نە پ ك ك، نە ي پ گ، نە پەشمەرگە يوق. شەھەر ھازىر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرماقتا» دېدى.
ۋىدىئودا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئايرۇپىلانلار بىلەن كوبانىنىڭ ئۈستىدە ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرگە يەر بېرىلگەن. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئەنگلىيە مۇخبىرىنىڭ ئىلگىرىمۇ بىر ۋىدىئوسى ئېلان قىلىنغانىدى. ۋىدىئودا جون كېنتلى «غەرب تاراتقۇلىرى ۋە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ كەينىدىكى ھەقىقەتلەر»نى خەلقى ئالەمگە جاكارلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر