مۇرسى: سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلىمەن

مۇھەممەد مۇرسى ھۆكۈمەت بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

171431
مۇرسى: سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ۋەزىپىسىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن خەلق تەرىپىدىن سايلانغان پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى، شېھىتلارنىڭ قېنى بەدىلىگە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇرسى «مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى» سۈپىتىدە ھىجرىيە يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ Facebook دا بايانات ئېلان قىلىپ، «شېھىتلارنىڭ قېنى بەدىلىگە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەرنى رەت قىلىمەن» دېدى.
مۇھەممەد مۇرسى 2013-يىلى 3-ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئايلارچە نامەلۇم يەردە مەخپىي تۇتۇلغاندىن كېيىن سوتلانغان ئىدى. تەخمىنەن 1 يىلدىن بۇيان بۇرجۇل ئەرەب تۇرمىسىدا تۇتۇلغان مۇرسى ئۈستىدە ئېچىلغان سوتتىن ھازىرغىچە ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر