"ئى ش ئى د" خىمىيەۋىيلىك قورال ئىشلەتمەكتە

ئامېرىكىنىڭ "Associated Press" ئاگېنتلىقى، ئىراقتا "ئى ش ئى د" مېلىتانلىرىنىڭ خلور گازى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

170845
"ئى ش ئى د" خىمىيەۋىيلىك قورال ئىشلەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: "ئى ش ئى د"نىڭ خىمىيەۋىيلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكىنىڭ "Associated Press" ئاگېنتلىقى، ئىراقتا "ئى ش ئى د" مېلىتانلىرىنىڭ خلور گازى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىراقلىق 3 نەپەر مەسئۇل "Associated Press" ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، سىنتەبېر ئىيىدا 2 يېزىدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا "ئى ش ئى د" مېلىتانلىرىنىڭ خلور گازى تولدۇرۇلغان گاز تۇڭى شەكلىدىكى بومبىلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىراق مەسئۇللىرى ھۇجۇمدا 40 نەپەر ئىراق ئەسكىرى ۋە شىئە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يېنىك دەرىجىدە خلور گازىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسكەرلەر بىلەن شىئە قوراللىق كۈچلىرىدە نەپەس يېتىشمەسلىك ۋە ھۆتىلەش قاتارلىق خلور گازىدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكى ھەمدە بالنېستقا ئېلىنىپ قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
"ئى ش ئى د" مېلىتانلىرىنىڭ خلور گازىنى رايوندىكى سۇ تازىلاش زاۋۇتلىرىدىن قولغا كەلتۈرگەن بولۇش ئېھتىمالى تىلغا ئېلىنماقتا.
ئىراق ئىستىخبارات مەنبەرلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ "ئى ش ئى د"نىڭ قول ئىلكىدە خلور گازى بومبىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خلور گازى بومبىسى ھەققىدىكى خەۋەر تۈنجى قېتىم سىتەبىردە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىدە كۈنتەرتىپكە كەلدى.
كۇرت گۇرۇپپىلارمۇ "ئى ش ئى د"نىڭ كوبانىدە خلور گازى بومبىسى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي جەنۇبىي كورىيە زىيارىتى جەريانىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ، خلور گازى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى توغرا دېيەلمەيدىغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭغا ئىنتايىن جىددىىي مۇئامىلە قىلىغانلىقىنى ۋە مەسىلىنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر