"ئى ش ئى د" 90 يىللىق شاكىلاتنىڭمۇ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتتى

ئىتالىيەنىڭ ئاتاقلىق شاكىلات شىركىتى "ISIS" ئىسمىنى ئۆزگەرتىش قارارى ئالدى.

170904
"ئى ش ئى د" 90 يىللىق شاكىلاتنىڭمۇ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 90 يىللىق شاكىلاتنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلدى.
ئىتالىيەنىڭ ئاتاقلىق شاكىلات شىركىتى "ISIS" ئىسمىنى ئۆزگەرتىش قارارى ئالدى.
بۇنىڭغا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىنگىلىزچە قىسقارتىلما ئىسمىنىڭمۇ "ISIS" ئىكەنلىكىنى سەۋەپ كۆرسەتتى.
ئىسىمدىكى بۇ ئوخشاشلىقنىڭ شىركەتنىڭ سودىسىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بازار ئىشلىرى مۇدىرى دېسايرى لىبېرت «شىكالات ۋە كەمپۈتلىرىمىز ئۈچۈن "ISIS" دېگەن ئىسىمنى تاللىغان ئىدۇق. ئەگەر ئوخشاش ئىسىم بىلەن بىر تېررورلۇق تەشكلاتىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلگەن بولساق، بۇ ئىسىمنى ھەرگىز تاللىمىغان بولاتتۇق» دېدى.
خەلقئارادىكى خېرىدارلىرىنىڭ بىر تېررولۇق تەشكىلاتى بىلەن ئوخشاش ئىسىمدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى خالىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن لىبېرت، مۇشۇ ۋەجىدىن شىركەتنىڭ ئىسمىنى قۇرغۇچىسىنىڭ فامىلىسى بولغان "لىبېرت" كە ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق شاكالات ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىدىن بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدىىغان "ISIS"نىڭ ھەر يىلىغا 5 مىڭ توننىدىن كۆپرەك شاكىلات ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى ۋە يىللىق ئايلانما مەبلىغىنىڭ 35 مىليون ياۋرو ئەتراپىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر