ئامېرىكىدا "ئى ش ئى د"غا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىراق خەلقى ئاقساراينىڭ ئالدىغا توپلىشىپ "ئى ش ئى د"نىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

170900
ئامېرىكىدا "ئى ش ئى د"غا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ "ئى ش ئى د"غا قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تېررولۇق تەشكىلاتىغا قارشى نامايىشلارمۇ داۋاملاشماقتا.
ۋاشىنگىتوندا ئاقساراينىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا "ئى ش ئى د"نىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
ئىراق خەلقى ئاقساراينىڭ ئالدىغا توپلىشىپ "ئى ش ئى د"نىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
نامايىشنىڭ مەقسىتى "ئى ش ئى د"نىڭ ئىراقتىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
نامايىشچىلار "ئى ش ئى د"نىڭ بولۇپمۇ ئاياللارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
تېررورلۇققا خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار ئىراقتا قىلىپ قالغان ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر