ئامېرىكىلىق دوختۇردا ئېبولا ۋىرۇسى بايقالدى

دوختۇرخانىدا ئېلىپ بېرىلغان تۈنجى تەشكۈرۈشتە ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملامغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن دەرھال كارانتىن قىلىنىپ داۋالاش باشلاندى.

169035
ئامېرىكىلىق دوختۇردا ئېبولا ۋىرۇسى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر دوختۇرغا ئېبولا ۋىرۇسى يۇققانلىقى ئېنىقلاندى.
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى گىنەدىن نىيۇ يوركقا قايتقان بىر نەپەر دوختۇرغا ئېبولا ۋىرۇسى  يۇققانلىقى ھەققىدە دىئاگنوس قويۇلدى.
جېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى بىلەن گانەدە ئېبولا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان ۋە 14 – ئۆكتەبىر نىيۇ يوركقا قايتقان دوكتور كرېگ سپېنسېردە ئېبولا ۋېرۇسى ئالامەتلىرى بايقالغاندىن كېيىن بېللېۋۇ دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىندى.
دوختۇرخانىدا ئېلىپ بېرىلغان تۈنجى تەشكۈرۈشتىلا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن دەرھال كارانتىن قىلىنىپ داۋالاش باشلاندى.
دوختۇرنىڭ ھارلەمدىكى ئۆيىمۇ پېچەتلەندى. ئالاقىدار مەسئۇللار سىپېنسېرنىڭ مەھەللىسىدىكى كىشىلەرنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ۋىرۇس ھەققىدە ۋاراقچە تارقاتتى.
كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىببىي مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 33 ياشلىق كرېگ سپېنسېر نىيۇ يوركتا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تۇنجى كىشىگە ۋە ئامېرىكا مىقياسىدا 4 – كىشىگە ئايلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر