ئوباما ئېبولا ۋىرۇسى ھەققىدە ئۈمىدۋار

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئېبولا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن خادىملار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

168366
ئوباما ئېبولا ۋىرۇسى ھەققىدە ئۈمىدۋار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئېبولا ۋىرۇسىغا قارشى تەشكىللەنگەن خادىملار بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكىدا كۆرۈلگەن ئېبولا ۋىرۇسى توغرىسىدا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى سەھىيە خادىمىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىدا ۋىرۇسقا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭ كىشىلەرگە ئىشەنچ بېغىشلايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر