ئامېرىكىدا ساقچىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

168158
ئامېرىكىدا ساقچىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 70 تىن ئارتۇق شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشلىرىدا، ساقچىلارنىڭ قارا تەنلىكلەر بىلەن لاتىن ئامېرىكىلىقلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا ئېتىراز بىلدۈرۈلدى.
Stop Mass Incarceration Network تەرىپىدىن 22 – ئۆكتەبىر مىللىي نامايىش كۈنى دائىرىسىدە ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
يۈزلەرچە كىشى يېقىندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن ۋە ئامېرىكىدا مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسىغا ئايلانغان Mike Brown, Eric Garner ، Dillon Taylor ۋە John Crawford نىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ساقچىلارغا قارشى شوئار توۋلىدى.
«سۈكۈت قىلمايمىز، ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز» تەرىقىسىدە شوئارلار توۋلانغان نامايىش تىنچ ئاخىرلاشتى.
ئامېرىكىدا 1996 – يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان 22 – ئۆكتەبىر مىللىي نامايىش كۈنى پائالىيەتلىرى، ساقچىلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسىغا ئايلانغان پۇقرا ئۆلۈملىرى تۈپەيلى بۇ يىل كۆپلىگەن شەھەرلەردە ئالدىنقى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۆتكۈزۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر