خىتايدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكىگە ئوخشاش ئوچۇق سوت ئېچىلغان

خىتاي دائىرىلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكىگە ئوخشاش خەلق ئاممىسى ئالدىدا ھۆكۈم ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

168205
خىتايدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكىگە ئوخشاش ئوچۇق سوت ئېچىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دائىرىلىرى خۇنەن ئۆلكىسى خۇا روڭ ناھىيەسىدە 16 جىنايەتچىنى 5000 ئادەمنىڭ ئالدىدا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نى ئەسلىتىدىغان بۇ ۋەقە، يەرلىك تاراتقۇلاردا نارازىلىقلارنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى.
يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خۇا روڭ ناھىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، 16 جىنايەتچىنىڭ بوينىغا لوزۇنكىلار ئېسىلىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان ئوچۇق سوتقا قاتناشقان.
سىنا تورىدا، بۇ ھەقتە جىنايەتچىلەر بوينىغا «ئوغرىلىققا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان تاختايلار ئېسىلغان ھالدا قارا ماشىنىدا سازايى قىلىنغان فوتوگرافلار ئېلان قىلىنغان.
يەر شارى ۋاقىت گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەزكۇر ۋەقەنىڭ كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاپ، خەلققە مەدەنىيەت ئىنقىلابى (1976 - 1966) نى ئەسلەتكەنلىكىنى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» ئىدىيەسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ناھىيەدىكى بىر ئەمەلدار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇنىڭ خىتايدا «ئەنئەنە» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان يىغىلىشلاردا ئوچۇق سوت ئېچىلاتتى ۋە جىنايەتچىلەر جازاغا ھۆكۈم قىلىناتتى.»
بۇ يىل ماي ئېيىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كىشىلەر بىلەن لىق تولغان بىر تەنتەربىيە زالىدا ئوچۇق سوت ئېچىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر